مەملىكەتنىڭ تىنچلىقى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى

بىلىۋېلىڭ (52)

2031927
مەملىكەتنىڭ تىنچلىقى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى

مەملىكەتنىڭ تىنچلىقى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى

30 يىللىق ھاياتىنى ئەسكەر سۈپىتىدە ئۆتكۈزگەن مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ تىنچلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

12 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ھەربىي ھاياتىنى باشلىغان، تۆت ئۇرۇشتا ئالدىنقى سەپلەردە جەڭ قىلىپ، مارشال دەرىجىسىگە يەتكەن مۇستاپا كېمال ئاتاتۈرك  ئۈچۈن  ئۇرۇش زۆرۈر ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى. ئاتاتۈركنىڭ قارىشىچە، خەلقلەرنىڭ ھاياتى خەتەرگە ئۇچرىمىغان تەقدىردە، ئۇرۇش جىنايەت ھېسابلىناتتى. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «مەملىكەتنىڭ تىنچلىقى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى» شوئارى تاسادىپىي ئېيتىلىپ قالغان سۆز ئەمەس ئىدى. «مەملىكەتنىڭ تىنچلىقى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى» پىرىنسىپى ئىنسانلارنى سۆيۈش ۋە ئىنسانىيەتنى چوڭقۇر چۈشىنىشنى ئاساس قىلىدۇ.

مىسلىسىز  ئىنسانپەرۋەر زات بولغان ئاتاتۈركنىڭ بۇ سۆزى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپىغا ئايلاندى. بۇ پىرىنسىپ بىر تەرەپتىن  مەملىكەت ئىچىدە تىنچ ، خاتىرجەم ۋە بىخەتەر ياشاشنى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشنى نىشان قىلىدۇ. چۈنكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە يۈز بەرگۈسى خاتىرجەمسىزلىك ھەممىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىشىغا قەتئىي بولمايدۇ.

«مەملىكەتنىڭ تىنچلىقى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى»  شوئارى «مەجبۇر بولۇپ قالمىغۇچە ئۇرۇش جىنايەتتۇر» ئېڭىنىڭمۇ مەھسۇلىدۇر، ئەلۋەتتە.

مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ئۆز دەۋرىدە مىسلىسىز تىنچلىق بەرپا قىلغان بولۇپ، 1934-يىلى گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ۋېنىزېلوس تەرىپىدىن «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر