تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار پۇتبول كوماندىسى ۋېنگىرىيە كوماندىسىنى يەڭدى
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار پۇتبول كوماندىسى 2025-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنىڭ B دەرىجىلىكلەر بىرىنچى گۇرۇپپىسىدىكى شاللاش مۇسابىقىلىرىنىڭ ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە، ۋېنگىرىيە ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نومۇر بىلەن يەڭدى.
2126541
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار پۇتبول كوماندىسى ۋېنگىرىيە ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنى 1 گە قارشى 2 نومۇر بىلەن يىڭىپ، گۇرۇپپىدىكى تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار پۇتبول كوماندىسى گۇرۇپپىدىكى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە، شىۋېيتسارىيە ئاياللار كوماندىسىغا 3 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى. ۋېنگىرىيە ئاياللار كوماندىسى ئۈچۈن بولسا، گۇرۇپپىسىدا تۇنجى مەغلۇبىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.