تۈركىيە كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى
2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى، ئاۋستىرىيە-تۈركىيە تەييارلىق مۇسابىقىسىدە 6 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.
2120903
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ۋىيېننادىكى ئېرنست خاپپېل تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە، ساھىبخان كوماندا 1 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى.
تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى تەييارلىق مۇسابىقىلىرىدە، ۋېنگىرىيە كوماندىسىغا 1 گە قارشى 0، ئاۋستىرىيە كوماندىسىغا 6 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.
گىرۇزىيە كوماندىسى تۈركىيە كوماندىسىنىڭ 2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى F گۇرۇپپىسىدىكى ئاخىرقى رەقىبىنى 11 قەدەمدىن تېپىش باسقۇچىدا مەغلۇب قىلدى.