ئاۋستىرىيە-تۈركىيە ئالاھىدە مۇسابىقىسى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2024-يىللىق ياۋروپا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ تەييارلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ئاۋستىرىيە كوماندىسى بىلەن ئالاھىدە مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

2120627
ئاۋستىرىيە-تۈركىيە ئالاھىدە مۇسابىقىسى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيە-تۈركىيە ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى بۈگۈن (26-مارت) پايتەخت ۋىيېننادىكى ئېرنست خاپپېل تەنتەربىيە مەيدانىدا، ئەنقەرە ۋاقتى 22 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىدۇ. مۇسابىقە «ت ر ت سپور» قانىلىدا بىۋاستە تارقىتىلىدۇ. مۇسابىقىگە، ئىتالىيە پۇتبول فېدېراتسيەسىنىڭ مەشقاۋۇلى (تىرېنېرى) دانيېلې كىففى رېپېرلىق قىلىدۇ.

تۈركىيە كوماندىسى ئۈچ كۈن ئىلگىرى ۋېنگىرىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان تەييارلىق مۇسابىقىسىدە، 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى. ئاۋستىرىيە كوماندىسى بولسا، ئىككى كۈن ئىلگىرى سىلوۋېنىيە كوماندىسىنى 0 گە قارشى 2 نەتىجە يەڭگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر