جەنۋەدە 5 - دېكابىر «خەلقئارا تۈرك قەھۋەسى كۈنى» تەبرىكلەندى

تۈرك قەھۋىسى 5 - دېكابىر «خەلقئارا تۈرك قەھۋەسى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئىككى خىل پائالىيەت بىلەن تونۇشتۇرۇلدى.

2216736
جەنۋەدە 5 - دېكابىر «خەلقئارا تۈرك قەھۋەسى كۈنى» تەبرىكلەندى

دەسلەپتە بىر مېھمانخانىدا مېھمانلارغا، ئاندىن جەنۋەنىڭ نوپۇزلۇق مېھمانخانا، ساياھەت ۋە ئاشپەزلىك مەكتىپى «Ecole Hoteliere de Geneve» دىكى ئوقۇغۇچىلارغا تۈرك قەھۋەسى ۋە لوقۇم سوۋغا قىلىندى ھەمدە تۈرك قەھۋىسىنى پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى.

تۈرك قەھۋەسى 2013 - يىلى 5- - دېكابىردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئىلىم -پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (يۇنېسكو) نىڭ غەيرىي رەسمىي كۈلتۈر مىراس تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

2013-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى 5 - دېكابىردا خەلقئارا تۈرك قەھۋەسى كۈنى» تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر