ئامېرىكاغا ئوغرىلاپ كېتىلگەن 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئالتۇن زەنجىر تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى
تۈركىيەدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەن ۋە ئۇزۇن يىل ئامېرىكانىڭ بوستوندىكى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان لىدىيا دەۋرىگە ئائىت تەخمىنەن 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئالتۇن زەنجىر تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مانىسانىڭ بىنتەپەلەر رايونىدىن 1982-يىلى ئامېرىكاغا ئوغرىلاپ كېتىلگەن2500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئالتۇن زەنجىرنى قايتۇرۇپ بېرىش مۇراسىمى تۈركىيەنىڭ بوستوندىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيەنىڭ نيۇ-يورك مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ باشلىقى ھىلال دەمىرەل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا، بۇ زەنجىرنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئالتۇن ۋە كارنىل تېشىدىن ياسالغان ئانار شەكىللىك مۇنچاقتىن تەركىب تاپقانلىقىنى ھەمبەھرلىدى.
ئۇ: «بۇ ئەسەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ياكى 5-ئەسىرگە ئائىت بولۇپ، لىدىيا سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر ياخشى ساقلىنىپ كەلگەن بۇ ئەسەر، مانىسا مۇزېيى باشقارمىسى بىنتەپەلەر نېكروپولىس رايونىدىن چىققان باشقا ئەسەرلەرگە ئوخشايدۇ» دېدى.
ئۇ ئالتۇن زەنجىرنىڭ رايون ئۈچۈن تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ يادىكارلىقنىڭ قايتۇرۇلۇشى ھەم ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقاتنىڭ ئىلگىرىلىشى نۇقتىسىدىن، ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى قوغداش نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارىلىدۇ» دېدى.
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسويمۇ 2024 - يىلى 20 تارىخىي ئاسارە-ئەتىقە ئەسىرىنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى، بۇ ساننىڭ «بىنتەپەلەر بويۇن زەنجىرى» بىلەن 21 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.