ياۋروپا بويىچە ئەڭ ياخشى مەرگەنلەر كوماندىسى مۇسابىقىسىدە تۈركىيە بىرىنچى بولدى
گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ياخشى مەرگەنلەر كوماندىسى مۇسابىقىسىدە، تۈركىيەنىڭ ئالاھىدە قىسىم ۋە قۇرۇقلۇق قىسىم خادىملىرى ھەم بىرىنچىلىكنى، ھەم ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2024 - يىلى 5 – ئاۋغۇستتىن 11 - ئاۋغۇستقىچە گېرمانىيەنىڭ خوھېنفېلس شەھىرىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 19 دۆلەتتىن كەلگەن 36 كوماندا ياۋروپا بويىچە ئەڭ ياخشى مەرگەنلەر كوماندىسى مۇسابىقىسىدە رىقابەتكە چۈشتى.
7-ئارمىيە مەشىق قوماندانلىق ئىشتابى (ئامېرىكا ئارمىيەسىگە قاراشلىق گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق قىسىم) ساھىبخانلىق قىلغان مۇسابىقىگە تۈركىيەدىن 2 كوماندا قاتناشتى.
ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە بىر نەچچە كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ مۇسابىقىدە مەرگەنلەر ئەترەتلىرى قۇرۇقلۇق يول باشلاش، يۇقىرى سەۋىيەلىك نىشانغا ئېتىشنى يارىتىش، داۋالاش سىنارىيەلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن ساھەدە سىناق قىلىنىدۇ.
ياۋروپا بويىچە ئەڭ ياخشى مەرگەنلەر كوماندىسى مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى كوماندىسى بىرىنچىلىككە، تۈركىيە ئالاھىدە قىسىم كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.