تۈركىيە ئۆي - جابدۇقلىرى ئېكسپورتىدا دۇنيا بويىچە 7-ئورۇندا تۇرىدۇ

سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات، تۈركىيەنىڭ ئۆي - جابدۇقلىرى ئېكسپورتىدا دۇنيا بويىچە 7-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2232919
تۈركىيە ئۆي - جابدۇقلىرى ئېكسپورتىدا دۇنيا بويىچە 7-ئورۇندا تۇرىدۇ

ئۆي – جابدۇقلىرى ئىشلەپچىقىرىش جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى (MOSFED) تەرىپىدىن تۈياپ قۇرۇلتاي ۋە كۆرگەزمە مەركىزى شۇنداقلا ئىستانبۇل كۆرگەزمە مەركىزىدە تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۇيۇشتۇرۇلغان خەلقئارالىق ئىستانبۇل ئۆي – جابدۇقلىرى يەرمەنكىسى» باشلاندى.

سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇل كۆرگەزمە مەركىزىدىكى مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، تۈرك ئۆي – جابدۇقلىرى كەسپىنىڭ ئېكسپورتقا ئېچىلغاندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا شۆھرەت قازانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورت سودسىىنىڭ %2 نى تەشكىل قىلىدىغان ئۆي – جابدۇقلىرى كەسپى، خەلقئارا ئۆي – جابدۇقلىرى ئېكسپورتىنىڭمۇ %2 نى تەشكىل قىلىپ، دۇنيا بويىچە 7-ئورۇنغا كۆتۈرۈلدى، بىز بىرلىكتە تېخىمۇ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر