تۈركىيە ئۆتكەن يىلى ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلغان دۆلەت ئامېرىكا بولدى

تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېكسپورت قىممىتىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان دۆلىتى 1 مىليارد 256 مىليون دوللار بىلەن ئامېرىكا بولدى، ئامېرىكاغا قىلىنغان ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 13 مىليارد دوللاردىن ئاشتى.

2232370
تۈركىيە ئۆتكەن يىلى ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلغان دۆلەت ئامېرىكا بولدى

تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېكسپورت قىممىتىىنى ئەڭ كۆپ ئاشۇرغان دۆلىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولغان.

تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى بۇ دۆلەتكە قىلغان ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 1 مىليارد 256 مىليون دوللار ئاشقان.

ئېكسپورت قىممىتىنىڭ ئېشىشىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن قالسىلا، 1 مىليارد 254 مىليون دوللار بىلەن ئەنگىلىيە ئىككىنچى، 997.9 مىليون دوللار بىلەن رۇمىنىيە ئۈچىنچى، 958.8 مىليون دوللار بىلەن ئىراق تۆتىنچى ۋە 879.2 مىليون دوللار بىلەن ئىتالىيە بەشىنچى بولدى.

ئۆتكەن يىلى ئامېرىكاغا 13.4 مىليارد دوللارلىق، ئەنگىلىيەگە 12.7 مىليارد دوللارلىق، ئىتالىيەگە تەخمىنەن 12 مىليارد دوللارلىق، ئىراققا 10.7 مىليارد دوللارلىق، رۇمىنىيەگە 7.5 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت ئىشقا ئاشۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر