تۈركىيە ھاۋا يوللىرى  شىركىتى دەمەشىق شەھىرىگە  ھەپتىدە 3 كۈن قاتناشنى باشلايدىغان بولدى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى  شىركىتى (THY) سۈرىيەنىڭ دەمەشىق شەھىرىگە 23-يانۋاردىن باشلاپ ھەپتىدە 3 كۈن نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشىنى قايتا باشلايدىغان بولدى.

2231108
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى  شىركىتى دەمەشىق شەھىرىگە  ھەپتىدە 3 كۈن قاتناشنى باشلايدىغان بولدى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تور بېتىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، شىركەتنىڭ تۇنجى دەمەشىق ئايروپىلان سەپىرى 23-يانۋار (2025) پەيشەنبە كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 09:00 دا ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن چوڭ گەۋدىلىك «Airbus A330-203»  تىپلىق ئايروپىلان بىلەن باشلىنىدىكەن.

ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن سەيشەنبە، پەيشەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 09:00 دا دەمەشىق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا بىۋاسىتە ئايروپىلان سەپىرى يولغا قويۇلىدۇ.

دەمەشىق ئايرودۇرۇمىدىنمۇ ئوخشاش كۈنلەردە شۇ يەر ۋاقتى سائەت 13:00 تە ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا قايتىش سەپەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر