دونالد ترامپ تاشقى كىرىم باشقارمىسى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكانىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدىكى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، تاموژنا باجلىرى، ھەق-مۇئامىلە ۋە تاشقى مەنبەلەردىن كىرگەن بارلىق كىرىملەرنى يىغىشقا مەسئۇل يېڭى بىر ئورگان قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2230891
دونالد ترامپ تاشقى كىرىم باشقارمىسى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

دونالد ترامپ «تراست سوشىيال» ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى؛ ئامېرىكانىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا كىرىم ئىدارىسى ئارقىلىق خەلقتىن باج ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ: «بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزگە باج قويۇپ، يۇمشاق ۋە ئاجىز سودا كېلىشىملىرى ئارقىلىق ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىنى دۇنياغا تەقدىم قىلدۇق. ئەمدى بۇنى ئۆزگەرتىدىغان پەيت كەلدى. بۈگۈن باجلىرىمىزنى، ھەق-مۇئامىلىمىزنى ۋە تاشقى مەنبەلەردىن كەلگەن بارلىق كىرىملەرنى يىغىش ئۈچۈن تاشقى كىرىم ئىدارىسى قۇرىدىغانلىقىمنى جاكارلايمەن» دېدى.

سودا ئارقىلىق ئامېرىكادىن پۇل تېپىۋاتقانلاردىن ھەق ئېلىشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ: «ئاخىر (ئۇلارمۇ) ئادىل ئۈلۈشىنى تۆلەشنى باشلايدۇ» دېدى.

دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان 20-يانۋارنىڭ «تاشقى كىرىم ئىدارىسى»نىڭ «تۇغۇلغان كۈنى» بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر