تۈركىيە ئىقتىسادى % 2.1 تەرەققىي قىلدى
تۈركىيە ئىقتىسادى ئۇدا 17 پەسىلدىن بۇيان داۋاملىق تەرەققىي قىلماقتا.
2215371
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىقتىسادى بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى پەسلىدە % 2.1 تەرەققىي قىلغان.
قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى تەرەققىيات نىسبىتى %9.2 بولغان. قۇرۇلۇش ساھەسىدىن قالسا پۇل – مۇئامىلە، سوغۇرتا ۋە يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن.
ئائىلىلەرنىڭ ئىستېمال چىقىمى %3.1 ئاشقان. بۇ مەزگىلدە مال-مۈلۈك ۋە مۇلازىمەت ئېكسپورتى %0.8 ئاشقان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سودا مىنىستىرى بولات ئىراندا
تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا زىيارەتتە بولماقتا.