تۈركىيە ئېنېرگىيە يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلىنىدۇ
تۈركىيە ئېنېرگىيە يىغىنى بۈگۈن (25-نويابىر) ئىستانبۇلدا باشلىنىدۇ.
2213454
تۈركىيە ئېنېرگىيە يىغىنى بۈگۈن (25-نويابىر) ئىستانبۇلدا باشلىنىدۇ؛ ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىندا تۈركىيە ۋە خەلقئارا ئېنېرگىيە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
يىغىندا ئېنېرگىيە ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ بازارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ساھەدە يېڭى تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلىشى، ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسى، كۆچمە زاپاسلاش ئاپپاراتلىرى ۋە «يېشىل ئېنېرگىيە»نىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مۆلچەرلەر ئەتراپلىق مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساھە مۇتەخەسسىسلىرى، كارخانا ۋەكىللىرى ۋە تەتقىقاتچىلار قاتنىشىدىكەن. يىغىن جەريانىدا يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېنېرگىيە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلان ۋە تەكلىپلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ، يەكۈن خاراكتېرلىك ھۆججەت ئېلان قىلىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سودا مىنىستىرى بولات ئىراندا
تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا زىيارەتتە بولماقتا.