تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان يېشىل ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ

تۈركىيە - ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ كېيىنكى قەدىمى يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسىدە تاشلىنىدۇ.

2211576
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان يېشىل ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ

ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرى پەرۋىز شاھبازوۋ پايتەخت باكۇدا داۋاملىشىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا كېلىشىمىگە تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ  29-نۆەتلىك يىغىنى دائىرىسىدە بايانات بەردى.

شاھبازوۋ ئەزەربەيجاننىڭ ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا كېلىشىمىگە تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ  29-نۆەتلىك يىغىنىدا كىلىمات كىرىزىسى بىلەن كۈرەش قىلىشتا مۇھىم بىر لايىھەنى ئېلان قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز ئۈچ مەجبۇرىيەت، ئۈچ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇلار ناھايىتى مۇھىم بەش مەزمۇندىن تەركىب تاپىدۇ» دېدى.

مەزكۇر تەشەببۇسلارنىڭ «يېشىل ئېنېرگىيە ۋەدىسى»، «دۇنياۋى ئېنېرگىيە زاپاسلاش ۋە تور سىستېمىسى ۋەدىسى» ۋە « ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا كېلىشىمىگە تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ  29-نۆەتلىك يىغىنى ھىدروگېن باياناتى» تېمىلىرى ئاستىدا سۇنۇلغانلىقىنى قەيت قىلغان شاھبازوۋ: «بۇ تۈردىكى لايىھەلەر ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا مەۋجۇت. نۆۋەتتە بۇ ساھەدە ئىشلەۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ كىلىمات ئۆزگىرىشى بىلەن كۈرەش قىلىشتا ئېنېرگىيە ساقلاش ئامبارلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشى، ئېلېكتر تورى ئۇلىنىشلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، يىغىن ئەھلىگە بولۇپمۇ ھىدروگېن ئۈچۈن خەلقئارالىق ئۆلچەملەرنى بېكىتىش، گۇۋاھنامە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋە باشقا مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەكلىپلەرنى سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ مەزكۇر قەدەملەردە ئەزەربەيجاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شاھبازوۋ: «بۇ تەكلىپلەر بىر يىل ئىلگىرى دۇبەيدە قارار قىلىنغان قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىقتىدارىنى ئۈچ ھەسسە، ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇش نىشانلىرى ئۈچۈن مۇھىم قورال بولىدۇ. بۇ يۆنىلىشتە ناھايىتى مۇھىم ئىشلار يۈز بەردى ۋە بۇ مۇساپە داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارىسىدىكى يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسى ھەمكارلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسىدە تۈركىيە بىلەن باشقا ھېچقانداق دۆلەت بىلەن بولمىغان دەرىجىدە ھەمكارلىق قىلىۋاتىمىز. بۇ ھەمكارلىقنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىمىز. بىزنىڭ كېيىنكى قەدىمىمىز يېشىل ئېنېرگىيە بولىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر