تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورت ساھەسىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى
تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورتى بۇ يىل 9 ئاي ئىچىدە ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 3.2 ئېشىپ، 193 مىليارد دوللارغا يەتتى.
2194002
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات 9-ئايدىكى تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى بۇ يىل 9 ئاي ئىچىدە ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 3.2 ئېشىپ، 193 مىليارد دوللارغا يەتكەن، ئىمپورت ،% 7.9 تۆۋەنلەپ، 253 مىليارد دوللارغا چۈشكەن.
مىنىستىر بولات مۇنداق دېدى:
«تاشقى سودا قىزىل رەقىمى بۇ يىل 9 ئاي ئىچىدە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 31.5 ئازىيىپ، 87 مىليارد 700 مىليون دوللاردىن 60 مىليارد 100 مىليون دوللارغا تۆۋەنلىدى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سودا مىنىستىرى بولات ئىراندا
تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا زىيارەتتە بولماقتا.