تۈركىيە دېھقانچىلىق كىرىمى جەھەتتە ياۋروپا بويىچە 1- ۋە دۇنيا بويىچە 9- بولدى
دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى ئىبراھىم يۇماكلى تۈركىيەنىڭ دېھقانچىلىق كىرىمى جەھەتتە ياۋروپا بويىچە 1- ۋە دۇنيادا 9-ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.
2192463
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئىبراھىم يۇماكلى غازىئانتەپتە شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ساھە مەنپەئەتدارلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ، تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتە ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇماكلى: «بىز دېھقانچىلىق كىرىمى جەھەتتە ياۋروپا بويىچە1- ۋە دۇنيا بويىچە 9-ئورۇندا تۇرىمىز» دېدى ھەمدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بۇ مەزگىلدە، يوشۇرۇن كۈچنى قوغداش ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سودا مىنىستىرى بولات ئىراندا
تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا زىيارەتتە بولماقتا.