ئامېرىكا رۇس ۋە خىتاي تېخنولوگىيەلىرىنى چەكلەشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىخەتەرلىك خەۋپىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەلۇم قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئاپتوموبىل، يۈك ماشىنىلىرى ۋە ئاپتوبۇسلاردا ئىشلىتىلىشىنى چەكلەشنى پىلانلاۋاتىدۇ.
2190921
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو بۇ پىلانلارنىڭ ئامېرىكانى قوغداشنى مەقسەت قىلغان «نىشانلىق، ئاكتىپ» قەدەملەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ھازىرقى زامان ئاپتوموبىللىرىدا كامېرا، مىكروفون، GPS ئىزلاش سىستېمىسى ۋە ئىنتېرنېت بىلەن باغلانغان باشقا تېخنولوگىيەلەر بار. بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدىغان بىر چەت ئەللىك دۈشمەننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىز ۋە پۇقرالىرىمىزنىڭ شەخسىيىتى ئۈچۈن ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس» دېدى.
خىتاينىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكى چۈشەنچىسىنى كېڭەيتىپ» خىتاي شىركەتلىرىنى ناھەق ھالدا زەربە نىشانى قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە؛ بۇ دائىرىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن: «بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى چۈشەنچىسىنى كېڭەيتىپ، خىتاي شىركەتلىرىنى كەمسىتىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇمىز» دېدى ۋە ئامېرىكانى «خىتاي كارخانىلىرى ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا، ئادىل سودا مۇھىتى يارىتىش»قا چاقىردى.
بۇ تەكلىپ، خىتاينىڭ ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەۋجۇتلۇقىغا چەكلىمە قويۇشنى نىشان قىلغان ئاق ساراينىڭ ئەڭ يېڭى قەدىمى سۈپىتىدە دىققەتنى تارتماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئېلېكتىرلىق ئاپتوموبىللار، باتارېيەلەر ۋە باشقا مەھسۇلاتلارغا قوشۇمچە باج قويغان ۋە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يۈك كۆتۈرگۈچ ماشىنىلارنىڭ ئىمپورتىنى تور بىخەتەرلىكى خەۋپى سەۋەبىدىن چەكلىگەن ئىدى.
چەكلىمىلەرنىڭ 2027-يىللىق مودېللار بىلەن بىرگە يۇمشاق دېتاللار، ئۈچ يىلدىن كېيىن قاتتىق دېتاللار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولۇشى پىلانلانماقتا. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سودا مىنىستىرى بولات ئىراندا
تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا زىيارەتتە بولماقتا.