نورۋېگىيەدە توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ سانى رېكورت ياراتتى
نورۋېگىيەدە توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ سانى تۇنجى قېتىم بېنزىن موتورلۇق ئاپتوموبىللاردىن ئېشىپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە تاشيول فېدېراتسىيەسى (OFV) نىڭ باياناتىدا، 16-سېنتەبىرگىچە نورۋېگىيەدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان 2 مىليون 800 مىڭ خۇسۇسىي ئاپتوموبىلنىڭ 754 مىڭ 303 ى پۈتۈنلەي توكلۇق، 753 مىڭ 905 ى بېنزىن موتورلۇق ئاپتوموبىللاردىن تەركىپ تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، نورۋېگىيەدىكى دىزېل ئاپتوموبىللار سانىنىڭ ئازىيىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، «بۇ تارىخى ئۆزگىرىش: ھازىر نورۋېگىيە يوللىرىدا بېنزىن موتورلۇق ئاپتوموبىللاردىنمۇ كۆپ توكلۇق ئاپتوموبىللار بار» دېيىلدى.
نورۋېگىيە تاشيول فېدېراتسىيەسى دىرېكتورى ئوۋىند سولبېرگ تورسېن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ بىر تارىخىي ۋەقە، 10 يىل ئىلگىرى ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر كۆرەلەيدىغان بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دېدى.
نورۋېگىيە تاشيول فېدېراتسىيەسىنىڭ ھېسابلىشىچە، 2030 - يىلغا بارغاندا دۆلەت ئىچىدىكى خۇسۇسىي ئاپتوموبىللارنىڭ سانى 3 مىليون 100 مىڭغا يېتىدىكەن.