بودرۇمغا ئىككى ساياھەت پاراخوتى بىلەن مىڭلارچە ساياھەتچى كەلدى

مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىگە «كوستا فورتۇنا» ۋە «ئېمېرالد ساكارا» ناملىق ساياھەت پاراخوتلىرى بىلەن 2 مىڭ 881 يولۇچى كەلدى.

2188299
بودرۇمغا ئىككى ساياھەت پاراخوتى بىلەن مىڭلارچە ساياھەتچى كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە بايرىقى چىقىرىلغان 272 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «كوستا فورتۇنا» ناملىق پاراخوت بودرۇم پورتىغا لەڭگەر تاشلىدى.

مىكونوس پورتىدىن كېيىن يۆنىلىشىنى بودرۇمغا بۇرىغان پاراخوتتا كۆپىنچىسى ئىسپانىيەلىك ۋە ئىتالىيەلىكلەر بولۇپ 2 مىڭ 782 يولۇچى ۋە 976 خادىمنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئايدىننىڭ قۇشئاداسى ناھىيەسىدىن كەلگەن باھاما بايرىقى چىقىرىلغان 110 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «ئېمېرالد ساكارا» ناملىق پاراخوتتا بولسا، كۆپىنچىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئاۋسترالىيەلىك بولۇپ، جەمئىي 99 يولۇچى ۋە 75 خادىمنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

پاسپورت تەكشۈرۈش ئىشلىرىدىن كېيىن پورتتىن ئايرىلغان يولۇچىلار تارىخىي ۋە ساياھەت رايونلىرىدا ئايلىنىپ، سودا-سېتىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر