خىتاينىڭ قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك ساھەسىدىكى كۈچلۈك رەقىبى تۈركىيە بولدى
تۈركىيە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك شىركەتلىرى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا قۇرۇلۇش ساھەسى ژۇرنىلى <ENR> دە خەلقئارالىق ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.
تىزىملىكتە شىركەت سانى جەھەتتىن 81 شىركەت بىلەن خىتاي بىرىنچى ئورۇنغا ئىگە بولغان بولسا، تۈركىيە 43 شىركەت بىلەن ئىككىنچى ئورۇنغا ئىگە بولدى.
43 تۈركىيە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك شىركىتىنىڭ خەلقئارالىق كىرىمى 2023 - يىلى 18 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى.
تۈركىيە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك شىركەتلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ تىزىملىكتىكى شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي كىرىمىدىكى ئۈلۈشى %3.7 بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەلقئارا كىرىمگە ئاساسلانغان رەت تەرتىپ بويىچە، تۈركىيە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك ساھەسى دۇنيا بويىچە ئەنگىلىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيەنىڭمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ 8-ئورۇنغا ئېرىشتى.
كىرىمگە ئاساسەن، خىتاي 122 مىليارد 900 مىليون دوللار بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.