تۈركىيە 124 دۆلەتكە خاسىڭ ئېكىسپورت قىلدى
تۈركىيە 2023-2024-يىللىرى گېرمانىيە قاتارلىق 124 دۆلەتكە خاسىڭ ئېكىسپورت قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارادېڭىز خاسىڭ ۋە خاسىڭ مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتچىلىرى جەمئىيىتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ، 2024-يىلى 31-ئاۋغۇست كۈنىئاخىرلاشقان مەزگىلدە 124 دۆلەتكە 303 مىڭ 457 توننا خاسىڭ ئېكسپورت قىلىنغان، بۇنىڭدىن 2 مىليارد 349 مىليون 115 دوللار كىرىم قولغا كەلتۈرۈلگەن.
بۇ مەزگىلدە خاسىڭ ئېكىسپورتى 298 مىڭ 557 توننا خاسىڭ ئېكىسپورت قىلىنغان ۋە بۇنىڭدىن 1 مىليارد 795 مىليون 189 مىڭ 783 دوللار كىرىم قىلىنغان 2022- 2023 – يىللىرىدىكىگە قارىغاندا 2023-2024-يىللىرى قولغا كەلتۈرۈلگەن كىرىم % 30.9 ئاشقان.
بۇ مەزگىلدە گېرمانىيەگە 38 مىليون 94 مىڭ 991 دوللارلىق خاسىڭ ئېكىسپورت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيە 124 دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى رەتكە تىزىلغان.
گېرمانىيەدىن قالسا ئەڭ كۆپ ئىتالىيەگە، ئىتالىيەدىن قالسا ئەڭ كۆپ فىرانسىيەگە خاسىم ئېكىسپورت قىلىنغان.
تۈركىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ كۆپ خاسىڭ ئېكىسپورت قىلغان دۆلەتلەردىن بىرى خىتاي بولغان.
خىتايغا ئالدىنقى پەسىلدە 10 مىڭ 487 توننا خاسىڭ ئېكىسپورت قىلىنغان، بۇنىڭدىن 90 مىليون 189 مىڭ 135 دوللار كىرىم قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، خىتاي تۈركىيەنىڭ خاسىڭ ئېكىسپورتىدا بەشىنچى رەتكە تىزىلغان.