پۇتىن: 34 دۆلەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ھەرخىل شەكىللەردە قاتنىشىشنى خالاۋاتىدۇ

رۇسىيە پىرىزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 34 دۆلەتنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (BRICS) غا قوشۇلۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2186528
پۇتىن: 34 دۆلەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ھەرخىل شەكىللەردە قاتنىشىشنى خالاۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن رۇسىيەنىڭ سانت-پېتىر‌بۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتناشقان ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، يىغىنغا 1-يانۋاردىن بۇيان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىڭمۇ قاتناشقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى ۋە تەشكىلاتنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ھەرخىل ساھەلەر بويىچە نۇرغۇن يىغىنلارنى چاقىرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، 22-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق تاتارستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازان شەھىرىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ چاقىرىلىدىغانلىقىنى، يىغىنغا نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە پىرىزىدېنتى پۇتىن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا بولغان قىزىقىش بارغانسېرى ئاشماقتا. 34 دۆلەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ھەر خىل ئۇسۇلدا قاتنىشىشىنى خالاۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر