ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەجەللىك زەربە بەردى
تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سۈرىيەگە قاراشلىق كامىشلى شەھىرىدە ئاغدۇرۇلغان ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن قولغا چۈشۈرگەن راكېتا، ئېغىر تىپلىق قورال-ئەسلىھەلەر ساقلانغان ئىككى ئىسكىلات، 12 يۈك ئاپتوموبىلى ۋە ئىككى تانكىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.