ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2234019
ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك تېررورچىلىرى ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە سېرژانت ئۇفۇق ئاكىنجىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئېغىر يارىدار ھالەتتە دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن ئاكىنجىنىڭ، دوختۇرلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرى ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا شېھىت بولغان سېرژانت ئۇفۇق ئاكىنجى ئۈچۈن تەزىيە خېتى ئېلان قىلدى. ئۇ تەزىيە خېتىنىڭ داۋامىدا تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر