ئەردوغان: رۇۋاندا بىلەن كونگو ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردەم قىلىشقا تەييارمىز

ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە رۇۋاندا پىرېزىدېنتى پاۋۇل كاگامې بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

2233959
ئەردوغان: رۇۋاندا بىلەن كونگو ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردەم قىلىشقا تەييارمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇۋاندا بىلەن كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ يۆنىلىشتە ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.ئەردوغان ئىككى دۆلەت 2013- ۋە 2014-يىللىرى ئۆزئارا ئەلچىخانا ئاچقاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ رۇۋاندا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان كاگامې بىلەن بولغان سۆھبەتتە سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت، مۇداپىئە سانائىتى ۋە تەتقىقات-تەرەققىيات ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قەدەملىرىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شىركەتلىرىمىزنىڭ مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىش ئارقىلىق رۇۋاندانىڭ تەرەققىيات نىشانلىرىغا تۆھپە قوشۇشى توغرىسىدا جانابى پىرېزىدېنت بىلەن ئورتاق تونۇشقا كەلدۇق» دېدى.

ئەردوغان كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇۋاندا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئانگولانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىۋاسىتە سۆھبەتلەرنى سەمىمىي قوللايمىز. چوڭ كۆللەر رايونىدىكى مۇقىملىق ۋە تىنچلىققا تۆھپە قوشىدىغان بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا، ھەر ئىككى تەرەپ خالىسا، بىزمۇ تۈركىيە سۈپىتىدە ھەر تۈرلۈك ياردەمنى بېرىشكە تەييارمىز» دېدى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن بۇرۇن تۈركىيە بىلەن رۇۋاندا ئارىسىدا تۆت تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.

ئەردوغان كاگامېنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى؛ جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى زىياپەت مەتبۇئاتقا يېپىق ھالەتتە داۋاملاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر