تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2234195
تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «بىزنىڭ تېررورلۇقنى مەنبەسىدە تۇرغۇزۇپ يوقىتىش ئىرادىمىز قەتئىي. قەھرىمان ئارمىيەمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز ھەر خىل شەرت-شارائىتلارغا قارىماي ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر