چاناققەلەدە ئونلارچە تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە دېڭىز ساقچى ئەترىتى ئەگە دېڭىزىنىڭ شىمالىدا ئىككى قېتىم قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

2234023
چاناققەلەدە ئونلارچە تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە دېڭىز ساقچى ئەترىتى چاناققەلە ۋىلايىتىنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسى تەۋەلىكىدە 49 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 104 تەرتىپسىز كۆچمەننى قىرغاققا ئېلىپ چىقتى.

تۈركىيە دېڭىز ساقچى ئەترىتى ئەگە دېڭىزىنىڭ شىمالىدا ئىككى قېتىم قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى؛ تۇنجى قېتىملىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە كامېر قېيىقتىكى 14 نەپىرى بالا بولۇپ، جەمئىي 32 ئافغانىستانلىق تەرتىپسىز  كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ئىككىنچى قېتىملىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جەريانىدا، ياردەم تەلەپ قىلغان قېيىقتىكى 35 ى بالا بولۇپ 72 ئافغانىستانلىق تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

قۇتقۇزۇۋېلىنغان جەمئىي 104 تەرتىپسىز كۆچمەن تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئايۋاجىك كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە يۆتكەش مەركىزىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر