خاقان فىدان باكۇدا پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان خىزمەت زىيارىتى دائىرىسىدە بارغان باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

2231960
خاقان فىدان باكۇدا پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

ئىگىلىنىشچە، مىنىستىر فىدان يەنە ئەزەربەيجانلىق مەنسەپدىشى جەيھۇن بايراموۋ بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي، سودا، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

ئىككى مىنىستىر ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى 15 مىليارد دوللارلىق ئومۇمىي سودا ھەجمى نىشانىغا يېتىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە مەدەنىيەت، ساياھەت، ساغلاملىق، مائارىپ، دېھقانچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئىشلىنىدىغان خىزمەتلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىدىكەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىداننىڭ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايراموۋ بىلەن يەنە ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە تىنچلىق مۇساپىسى، سۈرىيە، غەززە ۋە ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەت قاتارلىق يېقىن رايوندىكى مەسىلىلەر ھەمدە دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر