ئانتونى بلىنكېن جۈمە كۈنى تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن جۈمە كۈنى (2024-يىلى 13-دېكابىر) تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدۇ.

2219426
ئانتونى بلىنكېن جۈمە كۈنى تۈركىيەگە كېلىدۇ

رەسمىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن 13-دېكابىر جۈمە كۈنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

زىيارەتكە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار ھازىرچە ئېلان قىلىنمىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارغا قارىتا 7- ۋە 10- دېكابىردا تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر