ۋەدات ئىشىقخان گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى

خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مىنىستىرى ۋەدات ئىشىقخان، تۈركىيە-گېرمانىيە مىنىستىرلىقلار ئارا مۇشتەرەك خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 7- نۆۋەتلىك يىغىنى ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىنغا يېتىپ باردى.

2215992
ۋەدات ئىشىقخان گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى

مىنىستىر ئىشىقخان، گېرمانىيەدىكى زىيارىتىنى تۈركىيەنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىدە تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە كارخانىچىلار بىلەن ئۇچرىشش ئارقىلىق باشلىدى.

خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مىنىستىرى ۋەدات ئىشىقخان، بۇ يەردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپادا كۈچىيىۋاتقان چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك  قىلىش ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بارلىق پۇقرالىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر ئىشىقخان، ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا گېرمانىيەلىك مەنسەپدىشى ھۇبېرتۇس خېيل بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر