تۈركىيە ئىيوردانىيە ئارمىيەسىگە تۈركچە كۇرس ۋە كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسى ئېچىپ بەردى
تۈركىيە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ماشلاشتۇرۇش ئاگېنتلىقى-تىكا، زەرقا ۋىلايىتىدىكى ئىيوردانىيە ئارمىيەسى تىل ئىنستىتۇتىدا تۈركچە تىل كۈرسى ئۈچۈن يېڭى دەرسلىك ۋە كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسى ئېچىپ بەردى.
تۈركىيە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ماشلاشتۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ ئىيوردانىيە ئارمىيەسى تىل ئىنىستىتۇتىدا تۈركچە كۇرس ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمىغا، تۈركىيەنىڭ ئامماندىكى ئەلچىىانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى جان مۇتلۇئەر، تىكا ئىيوردانىيە كوردىناتورى ئابدۇراھمان سويلۇ ۋە ئىيوردانىيە ئارمىيەسى تەلىم - تەربىيە باشلىقى گېنېرال زىياد نەقراش قاتناشتى.
بۇلاردىن باشقا يەنە، ئىيوردانىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە ئىيوردانىيە ئارمىيەسى تىل ئىنستىتۇتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار قاتناشتى.
مۇتلۇئەر نۇتقىدا، بۇ پىلان-لايىھەنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىيوردانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نەقراشمۇ ئىيوردانىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پەقەت دوستلۇقلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئىيوردانىيە مەسئۇلى دەرسلىك ۋە كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسى ئۈچۈن تۈركىيەگە ۋە تىكاغا رەھمەت ئېيتتى.
تىكا كوردىناتورى سويلۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىيوردانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركچە دەسلەپكى سەۋىيە مائارىپىنى ئىيوردانىيەدە ئۆگەنگەنلىكىنى، ئاندىن يۇقىرى سەۋىيەدە تۈركچە ئۆگىنىش ئۈچۈن تۈركىيەگە بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
سويلۇ: «تىكا تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان دەرسخانا ۋە تەجرىبىخانىلار بىلەن ئىيوردانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تىل ئىنستىتۇتىدا داۋاملىشىۋاتقان تۈرك تىلى مائارىپىنى تېخنىكا ۋاستىلىرى بىلەن قوللاش ئارقىلىق ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش مۇھىتىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش مەقسەت قىلىنىدۇ» دېدى.
ئىيوردانىيە ئارمىيەسى ئەمەلدارلىرىمۇ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ئىيوردانىيە قوراللىق قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەمكارلىق دائىرىسىدە، تۈركىيەدىن كەلگەن ئوفىتسېرلارنىڭ مەركەزدە ئەرەب تىلى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.