مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورچىلارنىڭ يەنە بىر كاتتىبېشىنى ئۇجۇقتۇردى

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى «ياشار ھاككارى» كود ئىسىملىق ياشار چەكىكنى ئۇجۇقتۇردى.

2215915
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورچىلارنىڭ يەنە بىر كاتتىبېشىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئاتالمىش مەسئۇللىرىدىن «ياشار ھاككارى» كود ئىسىملىق ياشار چەكىكنى سۈرىيەنىڭ تەل رىفات رايونىدا بىر تەرەپ قىلدى.

بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 1993-يىلى تېررور تەشكىلاتىغا قاتناشقان تېرورچى چەكىك ھاككارىنىڭ چۇكۇرجا ناھىيەسىدە 2010-يىلى باشقۇرۇشى ئاستىدىكى تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن خانتەپە ساقچى پونكىتىغا قىلىنىپ، ئالتە ئەسكەر شېھىت بولغان، 2011-يىلى 24 ئەسكەر شېھىت بولغان چۇكۇرجا ساقچى-كوماندىر قوماندانلىقى ۋە چۇكۇرجا 1-مېخانىكىلاشقان پىيادىلەر باتالىيون قوماندانلىقى قارمىقىدىكى كەكلىكتەپە ھەربىي بازىسىدىكى 1 ئەسكەر شېھىت بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پىلانلىغانلىقى ۋە بۇيرۇق بەرگەنلىكى ئېنىقلانغان.

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تۈركىيە، ئىراق ۋە سۈرىيەدە بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېرورچىلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن ھەمدە ئىنتېرپول (خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى) تەرىپىدىن قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان چەكىكنىڭ سۈرىيەنىڭ شەھبا رايونىدا تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان تېررورچى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ تەل رىفاتتا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق يوقىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر