خاقان فىدان بىلەن ئابباس ئاراقچى تۈركىيە - ئىران مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2216164
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.
فىدان ئاراقچى بىلەن مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى؛ بۇ دائىرىدە سۈرىيە، رايون ۋەزىيىتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى ھەر ساھەدە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان: «مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىدىغان يېڭى مېخانىزملار ۋە كېلىشىملەر ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمىز. بولۇپمۇ ئۆزئارا چېگرالىنىىدىغان ۋىلايەتلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوننى بىر سودا رايونىغا ئايلاندۇرۇش نىيىتىمىز قەتئىي. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن چېگرا ئېغىزلىرى ۋە قاتناش لىنىيەلىرىنى ياخشىلىشىمىز، ئاساسىي قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى دەرھال باشلىشىمىز كېرەك» دېدى.
رايوننىڭ تەرەققىيات پوتېنسىيالىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن فىدان: «بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەرتلەردىن بىرى مەلۇم بولغىنىدەك تېررورلۇقنى يوقىتىش. تۈركىيە ۋە ئىران تېررورلۇققا قارشى ئورتاق ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئورتاق دۈشمەنگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشىمىز ھەر ۋاقىت كېرەك. ھەم پ ك ك غا ھەم پ ك ك نىڭ تارماقلىرى بولغان ي پ گ ۋە پ ج ا ك قا قارشى ئېنىق ۋە قەتئىي سىياسەت يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك» دەپ باھالىدى.
مىنىستىر فىدان بۇ تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ رايوندىن پۈتۈنلەي تازىلىنىشى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا پىكىر بىرلىكى بارلىقىنى كۆرسىتىپ: «بۇ كېلىشىمنى مەيداندا ئورتاق كۈرەشكە ئايلاندۇرۇش مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى خالىمايمىز. ئاستانا جەريانى دائىرىسىدە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىران بىلەن بولغان ماسلىشىشىمىزنى كېيىنكى مەزگىلدىمۇ داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن سۆزلەرنى قوللاندى.