يىلماز تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نوھ يىلماز تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك كۆپ تەرەپلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى.

2195011
يىلماز تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىغا قارىغاندا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك كۆپ تەرەپلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نوھ يىلمازنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىرىلغان.

يىغىندا 11-ئاينىڭ 6-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتە ئىشلىنىشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نوھ يىلماز يىغىن جەريانىدا قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەلىبېك باقايېۋ بىلەن كۆرۈشكەن.

ئىككى مىنىستىرنىڭ ئۇچرىشىشىدا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  كۆپ تەرەپلىك مۇنبەرلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

يىلماز يىغىن دائىرىسىدە قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئايبېك مولداگازىيېۋ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.

ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە كۆپ تەرەپلىك مۇنبەرلەردە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، يىلماز تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان قىرغىزىستانغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر