تۈركىيەدە ئەتە (6 – ئۆكتەبىر) پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ
6-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
2195014
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرى قارمىقىدا قۇرۇلغان پەلەستىن ھەمكارلىق جەمئىيەتلىرىنىڭ تەشكىللىنىشى بىلەن 60 نەچچە شەھەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرى ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 - يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن پەلەستىندە ئوتتۇرىغا چىققان ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرگە ئاغدۇرىلىدۇ.
نامايىشچىلار غەززەنى قوللاپ شوئارلارنى توۋلاپ ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋىۋىسكىلار، تۈركىيە ۋە پەلەستىن بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان نامايىشنى ھەر خىل كەسپىي ئورۇنلارمۇ قوللايدۇ.