تۈركىيە: ئىسرائىلىيە خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلماقتا

تۈركىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە لىۋانغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىمۇ خەلقئارا قانۇننى سىستېمىلىق ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2195022
تۈركىيە: ئىسرائىلىيە خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى تۇلكەرىم شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە لىۋانغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىمۇ خەلقئارا قانۇننى سىستېمىلىق ھالدا دەپسەندە قىلماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ تۇلكەرىم شەھىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمىز.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن تاشلىغان ھەر بىر قەدىمى خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر