ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى يەنە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى 23-سېنتەبىردىن 29-سېنتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1438 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولۇپ باھالاندى.
2194416
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئاۋىياتسىيە قاتنىشى بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى (Eurocontrol) نىڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە بولغان «ياۋروپا ئاۋىياتسىيە دوكلاتى» ئېلان قىلىندى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى بۇ مەزگىلدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1438 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ياۋروپادىكى ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇملار ئىچىدە بىرىنچى رەتكە تىزىلغان.
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن قالسا ئامستېردام شىخپول ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1437 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئىككىنچى، پارىژ دېگول ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1373 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن ئۈچىنچى، لوندون خىسروۋ ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1328 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن تۆتىنچى بولغان.
ئانتاليا ئايرودۇرۇمىمۇ كۈنىگە 916 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن 10-رەتكە تىزىلغان.