ئەردوغان شىمالىي ماكېدونىيە پارلامېنت باشلىقى بىلەن شىمالىي قىبرىس باش مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ماكېدونىيە پارلامېنت باشلىقى ئافرىم گاشى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستەلنى قوبۇل قىلدى.
2194137
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۈگۈن (3-ئۆكتەبىر) ئالدى بىلەن شىمالىي ماكېدونىيە پارلامېنت باشلىقى ئافرىم گاشىنى قوبۇل قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشقا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇشمۇ قاتناشتى.
ئەردوغان كېيىنچە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستەلنى قوبۇل قىلدى. قوبۇلدا مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلمازمۇ ئورۇن ئالدى.