تۈركىيە-ئىراق ئوتتۇرىسىدا كۆچمەنلەر كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا «كۆچمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش» ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، «كۆچمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش» ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىراق جۇمھۇرىيىتى كۆچمەنلەر ۋە سەرگەردانلار ئىشلىرى مىنىستىرى ئېۋان فائىق جابرو تەرىپىدىن ئىمزالانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئارقىلىق تۈركىيەدىكى ئىراق پۇقرالىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىپ كېتىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.
كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇشتا تېخىمۇ سىجىل ۋە بىخەتەر تەدبىرلەرنى قوللىنىش نىشان قىلىنغان كېلىشىم لايىھەسى دائىرىسىدە، تەرتىپسىز ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىكەن.