2107 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى داۋامىدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 2 مىڭ 107 گە يەتتى.
2194409
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورىزمنى ئۆز مەنبەسىدە يوقىتىش مەقسىتىدە ئىزچىل تۈردە ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى داۋامىدا، ئالدىنقى ھەپتە 58 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 2 مىڭ 107 گە يەتكەن.