ئەردوغان مىقاتى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتى بىلەن تېلېفونلاشتى.

2188748
ئەردوغان مىقاتى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ لىۋاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ۋە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت، ۋە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ توقۇنۇشلارنى رايونغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىش تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

لىۋاندا ھىزبۇللاھ ئەزالىرى ئىشلىتىۋاتقان چاقىرغۇ ئاپپاراتلىرى پارتلاپ، ئىككىسى بالا بولۇپ جەمئىي 12 ئادەم قازا قىلغان، 200 نەپىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغرى بولۇپ جەمئىي 2800 ئادەم يارىلانغانىدى.

لىۋان دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىسرائىلىيە ھازىرغىچە ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر