تۈركىيەدە تۇغۇلغانلارنىڭ ئۆمۈرى 77.3 ياش ھېسابلاندى
تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TUIK) «2021-2023 يىللىق ھايات جەدۋىلى» ئىستاتىستىكا رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى «2021-2023 يىللىق ھايات جەدۋىلى» ئىستاتىستىكا رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۇغۇلغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى 77.3 يىل ھېسابلانغان. بۇ ھېساب 2020- يىلى ۋە 2022 – يىللىرىدا 77.5 يىل ھېسابلانغان ئىدى.
تۇغۇلغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر تەخمىنىگە كۆرە، ئەرلەر 74.7 ياش، ئاياللار 80 ياش بولغان. ئومۇمەن ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى، تۇغۇلغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر پەرقىمۇ 5.3 ياش بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىزمەت يېشىنىڭ باشلىنىشى بولغان 15 ياشتىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى 63.5 يىل ھېسابلاندى. بۇ مەزگىلدە ئەرلەر 60.9 يىل، ئاياللار 66.1 يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىندى.
تۈركىيەدە 30 ياشلىق ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى 49.1 يىل بولۇپ، ئەرلەر 46.6 يىل، ئاياللار 51.5 يىل ھېسابلاندى. بۇ ياشتىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆمۈرىنىڭ پەرقى 4.9 يىل ھېسابلاندى.
تۈركىيە مىقياسىدا 50 ياشلىق بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى 30.1 يىل دەپ خاتىرىلەندى، بۇ مەزگىلدە ئەرلەرنىڭ 27.8 يىل، ئاياللارنىڭ 32.3 يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى بايقالدى.
تۈركىيەدىكى 65 ياشلىق بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى 17.4 يىل دەپ خاتىرىلەندى، بۇ مەزگىلدە ئەرلەرنىڭ 15.7 يىل، ئاياللارنىڭ 19 يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى ھېسابلاندى.
65 ياشتىكى ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئوتتۇرىچە 3.3 يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىندى.