تۈركىيە-ئامېرىكا سۈرىيە ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نۇھ يىلماز پايتەخت ئەنقەرەدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ۋە سىياسىي ئىشلار مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى جون باس بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەنىڭ بىخەتەرلىك، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. شۇنداقلا رايوننىڭ كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيىتىنىڭ سۈرىيەگىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى مۇزاكىرە قىلىندى، بۇ دۆلەتتىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىللاردىن بىرى بولغان ئاكتىيورلار ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىقنى ساقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.
تۈركىيە تەرەپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن بولۇپمۇ سۈرىيەدە دائېشقا قارشى كۈرەش سەۋەبىدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە بېرىۋاتقان ياردەمنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى، چۈنكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىشىنىڭ سۈرىيەدىن باشقا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى جەھەتتىن ئۇزۇن مۇددەتلىك خەۋپ – خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.