كەڭ خەلق ئاممىسى زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىغا سەلدەك ئاقتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ قەبرەسى جايلاشقان ئاتاتۈرك خاتىرە سارايى، «30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» نىڭ 102 – يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىلەن زىيارەتچىلەر بىلەن تولۇپ تاشتى.
2181674
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقان مۇراسىمدىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ زىيارىتىگە ئېچىۋېتىلگەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىنى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلارچە كىشى زىيارەت قىلدى.
كەڭ خەلق ئاممىسى تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا گۈل – چېچەكلەر بىلەن ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرەسىگە كېلىپ، دۇئا قىلدى ۋە مەقبەرەگە گۈلچەمبىرەك قويدى.
ئەسكەرلەرنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىنى كۆزەتكەن پۇقرالار، ئاتاتۈرك خاتىرە سارايى مۇزېيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇردى.
تۈرك ئۇچقۇچى چولپانلار ئەترىتىنىڭ ئۇچۇش ماھارەتلىرى پۇقرالارنى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۈردى.