02.12.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2215876
02.12.2024

«يېڭى شەپەق» گېزىتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، سۆھبەت جەريانىدا، سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىلەن قارشى تەرەپنىڭ سىياسىي مۇساپىنى نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن فىدان: «تۈركىيە ۋە سۈرىيەلىك پۇقرالارغا قارىتىلغان تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ» دېگەن.

«خابەرتۈرك» گېزىتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت شىمشەكنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، يەرلىكلەشتۈرۈش نىسبىتىنىڭ %80 يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە دۇنياۋى كۈچكە ئايلاندى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى يۈسۈپ تەكىننىڭ 2023-2024-ئوقۇش يىلىدا تۈركىيەدىكى رەسمىي ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن 5 ياشلىق بالىلارنىڭ تەييارلىق سىنىپلارغا كىرىش نىسبىتىنىڭ %95.44 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە، مىنىستىر تەكىننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ تەييارلىق مائارىپتا بارلىق دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار» گېزىتى، تۈركىيەنىڭ ئەلازىغ ۋىلايىتىدىكى فىرات ئۇنىۋېرسىتېتى تېخنولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ 6 ئوقۇتقۇچىسى بىلەن 6 ئوقۇغۇچىسىنىڭ تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم مېڭە سىگناللىرىنى ئوقۇيدىغان سىستېما ياساپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سۆزلىيەلمەيدىغان، پالەچ بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرالمايدىغان كىشىلەرگە ئۈمىد نۇرى بولىدىغان بۇ سىستېما ئارقىلىق كېسەللەرنىڭ مېڭىسىدىن چىققان سىگناللار سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تەرجىمە قىلىنىدىكەن.

«ۋەتەن» گېزىتى، ئالتە قىتئەدىكى 351 ئورۇنغا ئۇچۇۋاتقان تۈرك ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يېڭى ئۇچۇش لىنىيەسىگە ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىنىمۇ قوشقانلىقىنى، سىدنېينىڭ تۈرك ھاۋا يوللىرىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش لىنىيەسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر