04.10.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىىز تۆۋەندىكىچە:

2194758
04.10.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈنۈگۈ (3-ئۆكتەبىر) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يىغىندا، ئىسىرائىلىيەنىڭ لىۋانغا ۋە پەلەستىنگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، سۈرىيە زېمىنلىرىدا ئۇۋا تۇتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ھەر قانداق پىلان ياكى ھەرىكەتلەرگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا خىتابنامە ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى  (AK Parti) نىڭ  مۇئاۋىن باشلىقى ۋە پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ، ئىسىرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇمى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى توختىتىلمىسا، رايون خاراكتېرلىك ئۇرۇش چىقىشى مۇمكىن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىكنىڭ قىبرىس ئارىلىدىكى تەرەپلەرنىڭ 15-ئۆكتەبىر (2024) ئۆزئارا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر