03.10.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2194184
03.10.2024

«ستار گېزىتى»، ئىسرائىلىيەدە، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارنى سۈرەتكە ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان ت ر ت خەۋەر گۇرۇپپىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى دىرېكتورى فاخرەتتىن ئالتوننىڭ توسقۇنلۇققا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «قاتىل ئىسرائىلىيە نېمە قىلسا قىلسۇن، غەززە ۋە لىۋان بىلەن بولغان ئالاقە كارىدورىنى ئوچۇق ساقلايدىغان مۇخبىرلار چوقۇم بولىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، «لىۋاندا تۈركىيە پاراخوتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇنىڭ لىۋان پورتلىرىدا ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈرۈۋاتقان تۈركىيە بايراقلىق پاراخوتلارنىڭ خەلقئارا پاراخوت ۋە پورت ئەسلىھەلىرى بىخەتەرلىك كودى (ISPS) سەۋىيىسىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بولغان 3 كە كۆتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

«ساباھ گېزىتى»، «بايراقتار ت ب 3 قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان خەلققە ئوچۇق مەيداندا تۇنجى ئۇچۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئادانا ئايرودودرۇمىدا تېكنوفېست 128 ئورگاننىڭ قاتنىشىشى بىلەن خەلققە ئىشىكىنى ئاچتى. بايقار شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان بايراقتار ت ب 3 قوراللىق  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان خەلققە ئوچۇق مەيداندىكى تۇنجى ئۇچۇشىنى ئادانادا ئۆتكۈزۈلگەن تېخنىكا فېستىۋالى مەيدانىدا ئېىشقا ئاشۇردى.  

«ھۆرىيەت گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتارنىڭ ئورۇچ رەئىس يەر تەۋرەش تەتقىقاتى ۋە بۇرغۇلاش پاراخوتىنىڭ شەنبە كۈنى سومالىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا زىيارەتچىلەرگە دەرۋازىسىنى ئاچقان بالقان رايونىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇنىۋېرسال سودا يەرمەنكىلىرىدىن بىرى بولغان <ZEPS يەرمەنكىسى> گە تۈركىيەنىڭ <توگگ> ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىلى قاتارلىق 35 شىركىتىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ھەمدە تۈركىيە ماركىرىلىرىنىڭ يەرمەنكىدە يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى بالقان ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر