18.09.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2188567
18.09.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹سىتار› گېزىتى»، «دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىگە 14 – قېتىم خىتاب قىلىدۇ»  سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 24 – سىنتەبىر سەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا 14-قېتىم خىتاب قىلىدۇ. ئەردوغاننىڭ نۇتۇقىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى تەشكىل قىلىدۇ. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خىتابىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىدۇ.

«‹ساباھ› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرىي ۋە سىياسىي ئىشلار مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى جون باسنى قوبۇل قىلغانلىقىنى يازدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايانىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان  باياناتىدا، «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن ئاتالمىش ئامەد ۋىلايىتىنىڭ مەسئۇلى «خېبۇن پرو ئامەد» لەقەملىك زىراۋ تاش بىلەن «كۈلرەڭ كاتېگورىيە» دە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان «بوتان» لەقەملىك تېررورچى فەھمى باشقۇرتنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيەدىن 4 شىركەت ‹TIME› ژۇرنىلىنىڭ <دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەر> تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر خەۋەر ۋە سىياسەت ژۇرناللىرىنىڭ بىرى بولغان «TIME» تەرىپىدىن تەييارلانغان «2024 – يىلدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر شىركەتلەر»  تىزىملىكىگە تۈركىيەدىن تۆت شىركەت  كىرگۈزۈلدى. سابانچى گۇرۇھى تىزىملىكتە 405-رەتكە تىزىلدى. شۇنىڭ بىلەن، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن تۈركىيەدىكى شىركەتلەر ئارىسىدا بىرىنچى بولدى. قوچ گۇرۇھى 499 – رەتكە، ئاقبانك گۇرۇھى 820 – رەتكە، ئەنقا گۇرۇھى 887 – رەتكە تىزىلدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، بۇ يىل ساياھەتچىلىكتە تارىخىي رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان ئانتاليانىڭ 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 11 مىليون 700 مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى، ئانتاليا ئايرودۇرۇمىنىڭ بولسا 26 مىليون 628 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچىغا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىنى  ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر