شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىگە قورال سېتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

2231679
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى قارارى ئارقىلىق جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىنى مۇداپىئە مۇلازىمىتى ئېلىشقا لاياقەتلىك دۆلەت دەپ جاكارلىغانلىقىنى ۋە 1987-يىلىدىن بۇيانقى قىبرىس رۇم تەرەپكە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قورال سېتىش چەكلىمىسىنى 2021-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇملارغا قورال سېتىشنى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى قارارى ئارقىلىق  ماقۇللىغان ئامېرىكانىڭ «دۇنيا تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇش» باھانىسىنىڭ دىپلوماتىك ئىبارە بىلەن ئېيتقاندا «تراگېدىيەلىك كومېدىيە» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «رۇم تەرەپنىڭ ئۇرۇش قۇترىتىشىغا ھەمدەم بولغان دۆلەتلەرنى بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى يەنە بىر قېتىم ئويلىشىپ، ئاقىلانىلىك بىلەن ئىش قىلىشقا چاقىرىمىز. ئارال ۋە رايوننىڭ نازۇك تەڭپۇڭلۇققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش ھېچكىمگە پايدىلىق ئەمەس» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رۇم تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى بارلىقى ھەققىدىكى باھانىلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسنىڭ بۇ قارارىدىن كېيىن، جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىنىڭ قوراللىنىش رىقابىتىنى خۇددى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئېنىق» دەپ ئاگاھلاندۇرۇلدى.

 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق  مەھكىمىسىنىڭ قارارى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 14-يانۋاردا 1961-يىلىدىكى تاشقى ياردەم قانۇنىغا ئاساسەن، جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلرىىنىڭ ئامېرىكادىن «مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى» سېتىۋېلىشىغا يول قويۇش مەزمۇنىدىكى بىر قارارنى ئېلان قىلدى.

ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ: «(جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىنى) مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا پايدىلىق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر