ش ق ت ج نىڭ كۈرەش قەھرىمانى خاتىرىلەندى

قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشى رەھبىرى دوكتور فازىل كۈچۈك (كىچىك) ۋاپاتىنىڭ 41 - يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن قەبرىسى بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە مۇراسىمدا خاتىرىلەندى.

2231124
ش ق ت ج نىڭ كۈرەش قەھرىمانى خاتىرىلەندى

ش ق ت ج (شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى) دا فازىل كۈچۈكنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم ئۇنىڭ قەبرىسى جايلاشقان پايتەخت لەفكوشادىكى خاتىرە تۆپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ش ق ت ج جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار مۇراسىمدا، «قانلىق روژدېستۋا بايرىمى  كېچىسى» دېگەندەك  قىبرىس تۈركلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملار ۋە باشتىن ئۆتكەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ ھەممىسىدە فازىل كۈچۈكنىڭ خەلقى بىلەن بىللە بولغانلىقىنى تەكىتلدى.

ئۇ: «قىبرىس تۈركلىرى قىيىن كۈنلەرنى دوكتور فازىل كۈچۈكنىڭ كۆرسەتكەن يېتەكچىلىكى بىلەن يەڭدى. خەلقىمىز ئۈچۈن دوكتور فازىل كۈچۈكنىڭ يېتەكچىلىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى» دېدى.

ئەرسىن تاتار دوكتور فازىل كۈچۈكنىڭ ش ق ت ج قۇرۇلۇشىنى (1983) تەسەۋۋۇر قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «روھى شاد، ماكانى جەننەتتە بولسۇن. ئۇ قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ كۈرىشىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تارىخىمىزدا ھەر دائىم ئەڭ لايىق ئورنىنى ساقلايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر